باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن شەھەرلىك ج خ ساقچىلىرى 105 تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارىنى ھىندونېزىيەدىن ۋەتەنگە يالاپ ئېلىپ كەلدى

2018.06.07 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 6-چېسلا سائەت 23دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئىككى ئايروپىلانى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تيەنجىن بىڭخەي خەلقئارا ئايرۇدۇرۇمغا قونغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قىلغان 105 جىنايەت گۇماندارى تيەنجىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ھىندونېزىيەدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋەتەنگە يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش خىزمىتىدە يەنە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ئاستىدا، تيەنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ھىندونېزىيەگە بېرىپ، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى ۋە بىراقلا ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى ئۈچ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلدى. جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى 105 جىنايەت گۇماندارى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇلدى، كومپيۇتېر، تاۋۇش تور تاجىسى، يانفون، تېلېفون ئاپپاراتى، بانكا كارتىسى، ئالدامچىلىق دىيالوگى قاتارلىق نۇرغۇن دېلو سادىر قىلىش قورالى ۋە دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى. يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ھىندونېزىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى 105 جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگونىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىقىمىزنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق، تيەنجىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يالاپ ئېلىپ كېلىش ھەمدە ئالاقىدار دېلونى بېجىرىشكە مەسئۇل بولدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن 105 تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارلىرى تيەنجىن، خۇبېي، خۇنەن، سەنشى قاتارلىق بىر نەچچە ئۆلكە-شەھەرلەردە يۈز بەرگەن 200 دىن ئارتۇق دېلوغا چېتىشلىق ئىكەن، دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 10 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئارتۇق بولۇپ، يەنە كېلىپ بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىچىدە 10 جىنايەت گۇماندارىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر