سۈرەتتە: 5-ئىيۇن بوشلۇقتىن تارتىلغان چىڭداۋ پورتى چيەنۋەن ئاپتوماتىك يۈك ساندۇقى پىرىستانى. چىڭداۋ پورتى رۇسىيەنىڭ سانكىت پېتىربۇرگ پورتى قاتارلىقلار بىلەن دوستانە پورتلار مۇناسىۋىتى ئورناتتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سودا-ئىقتىساد ئالاقىسى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىدا ناھايىتى قويۇق ئالاقە قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى شەندۇڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھەمكارلىق ئالاقىسى ئۈچۈن «كۆۋرۈك» سالغۇسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى