باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى ئورتاق تونۇش، يېڭى پىلان، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پىلانلارنى تۈزەيلى(شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا نەزەر)

2018.06.06 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى 9-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە خۇاڭخەي دېڭىزى بويىدىكى يېشىل ئارال شەھەر شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

  17 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ، قالتىس مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەزاسى ئەڭ كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلاتقا ئايلاندى.

  بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، تۈرلۈك ئەمەلىي تەشەببۇسلار ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولدى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى يېڭى تەرەققىيات يۆنىلىشى، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ يەردىن يەنە قايتا يولغا چىقىدۇ.

  «شاڭخەي روھى»غا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ، بوران-چاپقۇنلارنى بېسىپ ئۆتۈپمۇ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇمايلى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەرلىك، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى» باشتىن-ئاخىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇنى يېتەكچى قىلىپ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئىجادىي رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر، ئادىل بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەڭ تەسىرگە ئىگە ئۇنىۋېرسال، رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «<شاڭخەي روھى> ھاسىل قىلغان قۇدرەتلىك مۇجەسسەملەش كۈچى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى. بىز ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ياخشى ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، كونا-يېڭى ئەزا دۆلەتلەر زىچ بىرلىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆز ئارا ھەمدەم بولىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدىغان، خېيىم-خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.»

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مېغىزلىق بايانى «شاڭخەي روھى»نىڭ دەۋر ۋە رايون ھالقىغان ھاياتىي كۈچى ۋە قىممىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. «شاڭخەي روھى» ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە ئورتاق گۈللىنىشكە كۈچ قوشىدىغان دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەمەلىيىتىگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر