باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى چاڭشادا ئۆتكۈزۈلدى

بەش تارماق «پۇقرالار ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەرىكىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى

2018.06.06 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى» ئاساسىي تېمىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلاندى

  «2016-2017- يىللىق يېشىل جۇڭگو بويىچە يىللىق شەخس» ئېلان قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق مۇھىت كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى 5-ئىيۇن خۇنەندە ئۆتكۈزۈلدى. ئارىدا «گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى» ئاساسىي تېمىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىپ، پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە «2016-2017-يىللىق يېشىل جۇڭگو بويىچە يىللىق شەخس» ئېلان قىلىندى ھەم مۇكاپاتلاندى.

  ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىشىپ يېقىندا «‹گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى› ئاساسىي تېمىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ(تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)، مەملىكەت بويىچە ئۈچ يىل داۋاملىشىدىغان «گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى» ئاساسىي تېمىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۈچ يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جامائەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئاڭلىق ئادا قىلغۇچى، گۈزەل مۇھىتنى قەتئىي قوغدىغۇچى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى پائال ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەممەيلەن گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ھەرىكەت قىلغۇچى بولۇشقا تىرىشىپ، كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى بىرلىكتە قوغدايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018-يىلىدىن 2020- يىلىغىچە، «تەشۋىق، سەپەرۋەر قىلىش» «چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش» ۋە «خۇلاسىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش»ئۈچ قەدەمدە مېڭىش ئىستراتېگىيەسى بويىچە، مەكتەپ، مەھەللە، كارخانا ۋە يېزا قاتارلىق ئورۇنلاردا «گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى» ئاساسىي تېمىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار باش تېمىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىش، گۈزەل جۇڭگو نىشانىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، لايىھەنى ھەقىقىي، تەپسىلىي، ئۇششاق ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  پائالىيەت مەيدانىدا يەنە «2016-2017-يىللىق يېشىل جۇڭگو بويىچە يىللىق شەخس» ئېلان قىلىندى ھەم مۇكاپاتلاندى. خەينەن ئۆلكىلىك «كۆك لېنتا» دېڭىز-ئوكياننى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جېڭ ۋېنچۈن، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى جەنۇبىي جۇڭگو نازارەت قىلىش ئىدارىسى نازارەت 3-باشقارمىىسنىڭ باشلىقى يۈ چى، جياڭشى «جۈنزىگۇ»ياۋا مېۋە دۇنياسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇاڭ شىفۇ، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خې كېبىن، خۇنەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈنئىي ھەمراھ قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خەن، ياش ئارتىست لى چېن، يۈن گاڭ تاش ئۆڭكۈرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ جو قاتارلىق يەتتە كىشى «2016-2017-يىللىق يېشىل جۇڭگو بويىچە يىللىق شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر