باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.06.05 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018- يىلى مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا، باراۋەر، ئادىل ئىمتىھان مۇھىتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، 5- ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىچكى مۇڭغۇل، لياۋنىڭ، شەندۇڭ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى بىرلەشمە تورغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتىنى قوللىنىشقا تەشكىللەپ، يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق كۆچۈرمىچىلىك مەخسۇس ئەسۋابلىرىنى ياساش،سېتىش جىنايەت شايكىلىرىنى مەركەزلىك تورغا چۈشۈرۈپ زەربە بېرىپ، 12 جىنايەت شايكىسىنى ئوڭۇشلۇق يوقاتقان، 100 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق تۈرلۈك سىمسىز ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەسۋابلىرىنى يىغىۋالغان.

  دۆلەت مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى بۆلۈمى كېڭىشىش مېخانىزمىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2018- يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىر نەچچە جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا قۇماندانلىق قىلىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك سىمسىز ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەسۋابلىرىنى سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ئۇچۇرلارنى نۇقتىلىق ئېنىقلاپ، مەخپىي سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى، شېفىرلاشتۇرۇلغان سىمسىز رەقەملىك سېگنال تارقاتقۇچ، يوشۇرۇن شەكىلدىكى سىمسىز قوبۇللىغۇچ قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكلىق ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا چېتىلىدىغان جىنايەت يىپ ئۇچىلىرىنى بايقاپ، گۇاڭدۇڭ، خۇ بېي، سىچۈەن، لياۋنىڭ، شەندۇڭ ۋە ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق جايلارغا تارقالغان جىنايەت ئۇۋىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇنسىز مەخپىي زاۋۇت قۇرۇش، مەملىكەت بويىچە تىجارەت ۋە تەربىيەلەش تورى بەرپا قىلىش، سىمسىز ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەسۋابلىرىنى ھە دېگىنىچە ياساش ۋە سېتىشتەك جىنايى پاكىتلارنى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر