باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەمىنلەش ھالقىسىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن تۇتۇش قىلىنىپ، سۈپەتلىك بايلىق ئومۇمىي مىقدارى ئاشۇرۇلدى

ئېلىمىزنىڭ داۋالاش سۈپىتى سەۋىيەسى ئۇدا ئۆستى

2018.06.05 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان نىڭبۇلۇق قىز شياۋ يىنىڭ ئۆت خالتىسىغا تاش چۈشۈش كېسىلى قۇزغىلىپ، شۇ جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتىغا كۆرۈنگەندە، ئاز دېگەندە يەتتە سائەت ساقلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بەش كۈندىن كېيىن مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرىغا ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇشنى كېلىشكەندە، تۆت ئاي ساقلايدىغانلىقى، ئوپىراتسىيە ھەققىگە 40 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلدى. ئاغرىققا چىدىمىغان شياۋ يى ئايروپىلان بىلەن جۇڭگوغا قايتىپ، ئەتىسىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈندى، ئۈچىنچى كۈنى ئوپىراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوپىراتسىيە يېرىم سائەتتىلا تاماملىنىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن ئوڭۇشلۇق چىقتى، داۋالاش ھەققىگە ئون مىڭ يۈەنمۇ كەتمىدى. شياۋ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو دوختۇرلىرىنىڭ مىكرو زەخمىلىك ئوپىراتسىيە تېخنىكىسى ئامېرىكىنىڭدىن قېلىشمايدىكەن، دوختۇر ۋە سىستېرالار داۋالاش ۋە كۈتۈش جەھەتتە تولىمۇ كەسپىي، تولىمۇ ئەتراپلىق ئىكەن.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز داۋالاش تېخنىكىسى ۋە داۋالاش سۈپىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بىمارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان «دۇنيا سەھىيە ئىستاتىستىكىسى 2018»دىكى 2016- يىللىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، جۇڭگودىكى بۇۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ساغلاملىق مۆلچەر ئۆمرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭكىدىن ئاشقان، جۇڭگونىڭ 68.7 ياش، ئامېرىكىنىڭ 68.5 ياش بولغان، دۇنيادىكى بۇۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ساغلاملىق ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى 63.3 ياش بولغان. 2017- يىلى خەلقئارا نوپۇزلۇق تىبابەت ژورنىلى « ئوپېراتسىيە پىچىقى» دۇنيادىكى 195 دۆلەت ۋە رايوننىڭ داۋالاش سۈپىتى ۋە قولايلىق دەرىجىسى نەتىجىسىگە قارىغاندا، 1990-يىلىدىن 2015- يىلىغىچە بولغان 25 يىلدا، دۆلىتىمىز داۋالاش سۈپىتى جەھەتتە ئىلگىرىلەش ئەڭ زور بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر