باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش باشلاندى

6-ئايدىن 9-ئايغىچە ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ

2018.06.05 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى چارىسى» نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا 2018-يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمتىنى باشلىدى، 6-ئايدىن 9-ئايغىچە ئوتتۇرا غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ، ھەر تۈركۈمدە يەتتە كۈندىن 10 كۈنگىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  22 ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرى باشلامچى بولدى، بۇ گۇرۇپپىلار ئالاقىدار ئورۇنلار ئاجراتقان خادىملاردىن تەشكىل تاپتى ھەم ھەرقايسى دىموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى خادىم ئەۋەتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى 2017-يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى ئۈنۈمىنى باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ-تەكشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئۆزگەرتىشى ۋە خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يوشۇرۇن ئارىلاپ تەكشۈرۈش، پاش قىلىش مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ، 1-سەپكە، ئاساسىي قاتلامغا، كەنت ۋە ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە بىۋاسىتە بېرىپ تەكشۈرىلىدۇ، ناھىيەگە بارغاندىن كېيىن، خالىغان يېزا-كەنتكە بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋال تەكشۈرۈلۈپ، راست گەپ ئاڭلىنىپ، جانلىق، ھەقىقىي 1-قول ئەھۋالنى ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر