باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردىكى «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەملەر سارىيى» رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

2018.06.01 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ماي چۈشتىن بۇرۇن، توردىكى «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەملەر سارىيى» (www.zghrg.gov.cn)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو مەدەنىيەت تورى ۋە خەلق تورى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان توردىكى «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەملەر سارىيى» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان.

  توردىكى «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەملەر سارىيى» مۇقەددىمە زالى، ئاساسىي زال ۋە قوشۇمچە زالدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، D3 تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى نامايان قىلغان، سۈرەت ۋە يېزىق، ئۈن-سىن، كارتون، ئويۇن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھازىرقى زاماندىكى لېي فىڭ، دەۋر ئۈلگىلىرى، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەڭ گۈزەل كىشىلەر ۋە جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى جانلىق نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا، بولۇپمۇ ياشلار- ئۆسمۈرلەرگە يۈزلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىقات- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قولايلىق، ھەمتۈرتكىلىك، پۈتۈن كۈنلۈك توردىكى يېڭى تىپتىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بازىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر