باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بيېجىڭ-تيەنجىن-خېبىي ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە يۈزلەندى

قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، كۆك ئاسماننى قوغدايلى(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە _ يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

2018.05.25 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 23-ماي ئېلان قىلغان مۇھىت تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبىي رايونلىرىدا PM2.5 نىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى 69مىكروگىرام / كۇپمېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %18.8 تۆۋەنلىگەن؛PM10 نىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى 122 مىكروگىرام/ كۇپمېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %12.9 تۆۋەنلىگەن. سىجىل ياخشىلاش بۇ رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ باش مېلودىيەسىگە ئايلانغان.

  تۈزەش نۇقتىسى ئېنىق، باشقۇرۇش بارغانسېرى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى

  سانائەت، يېقىلغۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى چىقارغان بۇلغىما بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، بىراق جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئوخشاشمايدۇ. «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى 10 تەدبىر»نىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقىنىغا بەش يىل بولدى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتە «ئېغىر-يېنىكنى ئايرىماي بىر باشتىن تۇتۇش»تىن ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە يۈزلەندى.

  مەركەز بۇلتۇر مالىيەدىن 700 مىليون يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش سەۋەبى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس تۈرىنى يولغا قويۇپ، 28 مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ «26+2»شەھەرگە ئەۋەتىپ، «بىر شەھەردە بىر سىياسەت» بويىچە ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىپ، مەنبەنى تەھلىل قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولغان شەھەر ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ھەر تەرەپلىمە ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە رايون ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جايلارنىڭ تۇمان تۈتەكنى تىزگىنلىشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. جايلارمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  بېيجىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق PM2.5 مەنبەسىنى تەھلىل قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، پۈتۈن يىللىق PM2.5 نىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىدە شۇ جايدىن چىقىرىلغان بۇلغىما ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى ئىگىلىگەن، شۇ جاي ئاتموسفېراسىنىڭ PM2.5 كېلىش مەنبەسىدە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتارلىق كۆچمە مەنبەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، %45 كە يەتكەن.

  بېيجىڭ نۆۋەتتىكى ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىش مەنبەسى ۋە قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى چۆرىدەپ، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى ئاپتوموبىللارنى تىزگىنلەشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ئاز رايوننى 6- ئايلانما يولىدىن پۈتۈن شەھەر رايونىغىچە كېڭەيتتى ھەم «دۆلەت III ئۆلچىمى»دىكى ئېغىر تىپتىكى دىزېل ئاپتوموبىللارنى شاللاشنى تېزلەتتى.

  4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ ئېغىر تىپتىكى دىزېل ئاپتوموبىللارنى شەھەرگە كىرگۈزمەي باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان ئاپتوموبىللارغا بېيجىڭغا كىرىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەرمىدى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بېيجىڭغا كىرىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق يۈك ئاپتوموبىلىدىن قارا تىزىملىكتىكى 62 ئاپتوموبىلنى نەق مەيداندا توسۇۋالدى.

  خېبېيدا «پىلانسىز، قالايمىقان،بۇلغىمىنى كۆپ چىقىرىدىغان» كارخانىلار ھېلىھەم ئاتموسفېرانىڭ سۈپىتىگە زىيان سېلىۋاتقان «زەھەرلىك ئۆسمە»بولۇپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش قىيىن بولۇش، قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار پات- پات كۆرۈلمەكتە. قىيىنچىلىقنى يەڭگەندىلا، ئاسماننى تېخىمۇ سۈزۈك قىلغىلى بولىدۇ! ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خېبېي ئۆلكىلىك ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى جايلارنى قايتا تەكشۈرۈش، قايتا رەتلەش، قايتا تۈزەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئالا قويماسلىق، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تەڭ تۈزەش، شۇنداقلا راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، يۆلەش بىلەن تۈزەشنى تەڭ تۇتۇپ، بۇ كونا ئىللەتنى ھەقىقىي تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  تيەنجىن شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېن ۋۇرۇي مۇنداق دېدى: تيەنجىن ئەنئەنىۋى سانائەت شەھىرى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى كۆمۈرگە مايىلراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسىلدە، پار بېرىش مۇتلەق ئېھتىياج بولغاچقا، شۇڭا كۆمۈرنى پاكىزلاشتۇرۇش باشتىن-ئاخىر ئاتموسفېرانى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. 2017- يىلى تيەنجىن دۆلەت چۈشۈرگەن پاكىز ئىسىنىش يىللىق ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدى، بۇ يىل «ئىسىنىش»قا «كۆك ئاسمان»نى ماسلاشتۇرۇپ، «كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش»نى تىرىشىپ تولۇق تاماملاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر