باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 4-تۈركۈم ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.05.24 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەستىقى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 4-تۈركۈم ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى ئەندىزىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار بېكىتىلدى: شاڭخەي قاتارلىق 11 ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۆز فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 4-تۈركۈم ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىم 30 تۈرلۈك ئىسلاھات كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلىپ ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە 27 تۈرلۈك ئىسلاھات كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلىپ ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ساھەسى ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن شېرىكچىلىكىدىكى بىرلەشمە تىجارەت ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلقئارا كېمە تىرانسپورتى ساھەسىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ساھەسى ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنى تىزىملاشنى توردا بېجىرىش، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى جەھەتتىكى «بىر كارخانىغا بىر ئىجازەتنامە بېرىش» ئىسلاھاتى قاتارلىق ئالتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ سودىنى قولايلىقلاشتۇرۇش ساھەسى تۆمۈر يول تىرانسپورتىنىڭ ۋاگون تالونىنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى، دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ چېگرىدىن كىرگەن كونتېينېرنى يۈكسىز تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش تەدبىرى، چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن باج ئېلىنمايدىغان مېتال كان مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق توققۇز تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى كارخانىلار يەتكۈزگەن ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى، چېگرا تەكشۈرۈشى مۇلازىمىتىنى يان تېلېفوندا بېجىرىش قاتارلىق يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايونلاردا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىسلاھات تۈرى ئۈچ بولۇپ، تاموژنىنى ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونىدىكى «تۆتكە ئۆزى ئىگە بولۇش، بىرنى ئىخچاملاش» نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى، «باجدىن خالى ئارىلاشما رۇدا» نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر