- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى تىپىك ھادىسىدىن 13ىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى
2018.05.24 13:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، قاتناش تىرانسىپورت مىنستىرلىقى دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە يۈز بەرگەن تىپىك ھاسىسىدىن 13نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى توسۇش، بولۇپمۇ پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش، سۇ ئۈستى قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بويان، سۇ ئۈستى قاتناش ھادىسىلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە، بولۇپمۇ بىر قەدەر زور دەرىجىلىكتىنمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھادىسىلەرنىڭ سانى، قازا قىلغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان. بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 13 تىپىك ۋەقەنىڭ كۆپىنچىسى كېمە-پاراخوت سوقۇلۇپ كېتىش ياكى چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسى بولۇپ، شۇ خىل ھادىسىلەردە جەمئىي نەچچە ئون ئادەم يوقاپ كەتكەن. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلگەن: دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن بولغان بىخەتەرلىك توغرىسىدىكى سۆزلىشىشنى تاماملايدۇ، 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن پاراخوت باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى (تۈزۈمى)نى يۈرگۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر