باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى يىپەك يولى ئىنستىتۇتى سۇجۇدا ۋىۋىسكا ئاستى

2018.05.24 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- ماي، « بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىپەك يولى ئىنستىتۇتى سۇجۇدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ يىل 9- ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى تەخمىنەن 100 نەپەر چەتئەلدە ئوقۇغان ماگىستىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جىن نو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىپەك يولى ئىنستىتۇتى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ماسلىشىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» مائارىپ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۇش، ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنى كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار تىرەكلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەقلىي مەدەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يىپەك يولى ئىنستىتۇتى بولسا، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى تەۋەسىدىكى غەيرى-مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە خاراكتېرىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنستىتۇت ھېسابلىنىدۇ، بۇ مەكتەپنى چۇڭياڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى ۋە سۇجوۋ مەكتەپ رايونى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرغان، مەكتەپ باشقۇرۇش ئورنى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇجۇ مەكتەپ رايونىدا تەسىس قىلىنغان. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ ۋېي تەبرىك سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: «يىپەك يولى ئىنستىتۇتى ئالىي مائارىپنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سەپلىنىشى قاتارلىقلارنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر