باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 10 كۈندە ئىككى قېتىم ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى تەكىتلىدى

يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي باھاسىنى مۇقىم قىلىپ، ئىجارە ھەققىنى كونترول قىلىپ، سۇبيېكتقا مەسئۇل بولۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2018.05.21 17:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدا ئۆي باھاسى زىيادە ئۆرلەش، ئۆي باھاسىنى كۆپتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قارىتا خەتەرلىك ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 19-ماي «ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش ئۇقتۇرۇشى»نى بېسىپ تارقىتىپ (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىدا تەۋرەنمەسلىك، تەڭشەش-تىزگىنلەش كۈچىنى ئاجىزلاتماسلىق لازىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، «ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئېلان قىلىنىشى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ چېڭدۇ، تەييۈەن شەھىرىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىدا تەۋرەنمەسلىك، تەڭشەش-تىزگىنلەش كۈچىنى ئاجىزلاتماسلىق لازىملىقىنى قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىنكى 10 كۈن ۋاقىت ئىچىدە بولدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر قايسى جايلار تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىجارە ھەققىنى كونترول قىلىپ، پىشاڭنى چۈشۈرۈپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، مۆلچەرنى سىجىللاشتۇرۇشتەك نىشان ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زۆرۈر تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆي باھاسىنى كۆپتۈرۈشنى قاتتىق توسۇپ، جايلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، توغرا پىلان تۈزۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر