باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تور كىملىكى» ئىككى ئۆلچەملىك كودىنى سىكاننېرلاپلا، پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش، كۆچۈپ كىرىش قاتارلىقلارنى قىلغىلى بولىدۇ

«تور كىملىكى» بارلىققا كەلدى

2018.05.18 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 1-تەتـقـىـقـات ئورنى ئىشەنچلىك سالاھىيەت ئىسپاتى بېرىش سۇپىسى(CTID)دا ئىسپات بېرىلگەن «ئاھالە كىملىكىنىڭ تور ئىقتىدارلىق ئىسپاتى» يېقىندا چىقىمداندا يولغا قويۇلۇپ، چۈجۇ، خاڭجۇ ۋە فۇجۇدا نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ ئىشلىتىلدى. ئىشلەتكۈچىلەر ئەسكەرتمىگە ئاساسەن «يۈزىنى سىكاننېرلاش» قاتارلىق ئالاقىدار سالاھىيەت ئىسپاتى بېرىشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «تور كىملىكى»گە ئېرىشەلەيدۇ. ئىشلەتكەندە «تور كىملىكى» ئىككى ئۆلچەملىك كودىنى سىكاننېرلاپلا، تۇرالغۇ جامائەت فوندى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تەكشۈرۈش، مېھمانخانىدا يېتىشنى تىزىملاش ۋە پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىلگىرى كىملىك ئارقىلىقلا بېجىرگىلى بولىدىغان كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدۇ. بۇ بۇلتۇر گۇاڭجۇدا تۇنجى «ئۈندىدار كىملىكى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تور ئىشەنچلىك سالاھىيەت ئىسپاتى بېرىش سىستېمىسىنىڭ يەنە بىر ئەپ دېتالىنى يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئالاقە تورىدىكى مەۋھۇم جەمئىيەتتە، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئالاقىسى كۆپىيىپ، ئىشەنچلىك سالاھىيەت ئىسپاتى تېخىمۇ ئاساس ۋە مۇھىم رولغا ئىگە بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەۋھۇم جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىدىكى تۇنجى ئۆتكەلگە ئايلاندى. جۇڭگو تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ۋە ئىسپات بېرىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ليەنيىن مۇنداق دېدى: تور ئىشەنچلىك سالاھىيىتى تورغا ئۇلاش، زىيارەت قىلىش، مەشغۇلات قىلىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا سىزنىڭ باشقىلار ئەمەس ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىڭىزگە، سالاھىيىتىڭىزنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بىر قاتار بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، شەخسنى ئىشەنچلىك سالاھىيەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  ۋاڭ ليەنيىن مۇنداق دېدى: ئۇچۇرلىشىشنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، تور ئىچى-سىرتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، رېئاللىقتىكى تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت ۋە كۆرۈنۈشلەر تور دۇنياسىدا ئەكس ئېتىپ، تور بىخەتەرلىكىگە يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىي قىلىپ نەگە بارسا، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ، ئىشەنچلىك سالاھىيەت ئىسپاتى بېرىش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى.

  ئېلىمىز 2-ئەۋلاد كىملىكنىڭ تېخنىكا سىستېمىسىنى لايىھەلەشتە «تور سىرتىدا» ساختىلىقتىن ساقلىنىشنى ئويلاشقان، بۇ پەقەت «ئادەم بىلەن كىملىك بىرلەشكەن» سالاھىيەتنى پەرقلەندۈرۈشكىلا ماس كېلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر توردا ئۆز سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىغاندا، بارلىق كىملىك ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىسىمۇ، لېكىن ئىشەنچلىك سالاھىيەتنى پەرقلەندۈرۈش ۋە سۇيىئىستېمال قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى تۈپتىن ئوينىيالماي، ئەكسىچە شەخسىي مەخپىي ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاڭ ليەنيىن مۇنداق دېدى: تور بوشلۇقىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىياتى ئىشەنچلىك سالاھىيەت سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇ مەۋھۇم جەمئىيەتتە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئۇل ئەسلىھەگە ئايلىنىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر