باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈردى

كۆچمە ئېقىم مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە يەككە باھاسى بۇ يىل ئىچىدە %30تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىلىدۇ

2018.05.18 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 17-ماي «تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش 2018-يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، ئۇچۇر-ئالاقە كەسپىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۆچمە ئېقىم مىقدارىنىڭ كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۆچمە ئېقىم مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە يەككە باھاسىنى بۇ يىل ئىچىدە %30تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇچۇر ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى كونا-يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە يۈزلىنىپ، كەڭ بەلباغلىق تورنى تەدرىجىي راۋاجلاندۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغلىق تور جەھەتتە 100 مېگابايتلىق كەڭ بەلباغلىق تورغا ئۇلاش ئىقتىدارى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلەپ، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 55 مىليوندىن ئارتۇق ئوپتىك تالاغا ئۇلىنىش ئۇچى قۇرۇپ، ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغلىق تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 100دىن ئارتۇق شەھەردە ئابۇنتلارغا 1000 مېگابايتلىق كەڭ بەلباغ تورى مۇلازىمىتىنى ئېچىۋېتىش كېرەك.

  4G تورى جەھەتتە، 4G ئاساسىي پونكىتىدىن يېڭىدىن 450 مىڭنى قۇرۇپ، ئىشخانا بىناسى، سودا بىناسى ۋە لېفىت قاتارلىق بىنا ئىچىدىكى رايونلارنى قاپلاش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، تۆمۈر يول، تاشيول لىنىيەسىنى ئۈزۈلدۈرمەي قاپلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، 4G تورىنىڭ توردا سۆزلىشىش ۋە سانلىق مەلۇمات بىرتەرەپ قىلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. 5G تېخنىكى كەسىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، 5G نى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلىتىش، كەسىپ زەنجىرىنى پىششىقلاش ۋە بىخەتەر يۈرۈشلەشتۈرۈش كاپالىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېڭى بىر ئەۋلاد كەڭ بەلباغلىق سىمسىز كۆچمە ئالاقىلىشىش تورى» زور مەخسۇس تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، 3-باسقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى سىنىقىنى تاماملاپ، دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن 5G ئۆلچىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە IPv6 نى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، تايانچ تورنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، 100G ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى چوڭ سىغىملىق يەتكۈزۈش تورىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر