باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆججەت تارقىتىپ يەرلىك خامچوتتىن چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى

2018.05.17 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى «يەرلىك مالىيە خامچوتىدىن چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى باھالاش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«چارە»دەپ ئېلىندى)نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ ئارقىلىق يەرلىكنىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىش، چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈردى.

  «چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: يەرلىك مالىيە خامچوتىنى ئىجرا قىلىش، چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى باھالاش ئايلىق باھالاش بولىدۇ، ھەر يىلى 4- ئايدىن 12- ئايغىچە باھالىنىدۇ.

  «چارە» مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى سۈرئىتى، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوت چىقىمى سۈرئىتى، يەرلىك مالىيەنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ رەتكە تىزىلىدۇ، ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدىكى ھېسابقا يۆتكەلگەن مەبلەغ ۋە قالدۇقنى جانلاندۇرۇش، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتىدىكى ھېسابقا يۆتكەلگەن مەبلەغ ۋە قالدۇقنى جانلاندۇرۇش، تارماق خامچوتىدىكى ھېسابقا يۆتكەلگەن مەبلەغ ۋە قالدۇقنى جانلاندۇرۇش باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا رەتكە تىزىلىدۇ. باھالاش نەتىجىسى ئايدا يەرلىك مالىيە تارماقلىرىغا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق مالىيە مەسئۇل رىۋىزورى باشقارمىسىغا كۆچۈرۈپ ئەۋەتىلىدۇ.

  «چارە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملار يەرلىك مالىيە خامچوتىنى ئىجرا قىلىش، چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى باھالاشتا كۆز بويامچىلىق، ساختىپەزلىك ، نەپسانىيەتچىلىك قاتارلىقلار قىلمىشلىرىىنى سادىر قىلسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خامچوت قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رىۋېزىيە قانۇنى»،«مالىيە قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مىزانى» قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەتكە چېتىشلىق بولسا، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر