- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 241 مىليون ئادەمگە يەتتى
2018.05.14 14:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زىگۇاڭگې ژۇرنىلى ۋە مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «قېرىلىشىشتەك دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
2017- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى نوپۇس 241 مىليون ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 17.3نى ئىگىلىگەن. مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پۈتۈن جەمئىيەتتە ياشانغانلار كۆپىيىشتەك دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنىڭ قېرىلىشىشنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تونۇش ۋە ئىگىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىستراتېگىيە ئېڭى، نەزەرىيە ساپاسى ۋە تەدبىر سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، پائال، ئىلمىي ۋە ئۇنىۋېرسال ھالدا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر