باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«چېگرادىكى بوستانلىق گۈزەل ئىلى»نى جياڭسۇدا تونۇشتۇرۇش ھەپتىلىكى باشلاندى

2018.05.03 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ساياھەت ئالاقە - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «چېگرادىكى بوستانلىق گۈزەل ئىلى»نى جياڭسۇدا تونۇشتۇرۇش ھەپتىلىكى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە باشلاندى.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مول ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، رەڭدار شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلىنى كۆرسىتىش، كۆپ خىل قىزىقارلىق ئويۇن قاتارلىقلار ئارقىلىق، نەنجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە گۈزەل ئىلىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت، ئادىمىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. قورغاسلىق قىز ئادىلە ئۆز يۇرتىنى قىزغىن تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەچ، «كۆپچىلىكنىڭ قورغاسقا بېرىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىمىز» دېدى.

  ئىلىنىڭ تارىختا مەشھۇر «قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي تارمىقىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ» ۋە «تۇلپار يۇرتى»، ئەزەلدىن « چېگرادىكى بوستانلىق» دېگەن نامى بار. ئىلى شۇنداقلا تىپىك كۆپ مىللەتلىك، كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان رايون، ئۇ جايدا 47 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە. گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، رەڭگارەڭ رەڭدار ئۆرپ – ئادىتى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە يايلاق مەدەنىيىتى جياڭسۇلۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىلى ئوبلاستى ئاللىقاچان جياڭسۇلۇقلارنىڭ ساياھەتكە چىقىشىدىكى قىزىق نۇقتىلىق نىشانغا ئايلانغان.

  نەنجىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن كېيىن، «چېگرادىكى بوستانلىق گۈزەل ئىلى» جياڭسۇ ھەپتىلىكى يەنە ۋۇشى، شۈيجۇ، چاڭجو، نەنتۇڭ، خۇەيئەن، يەنچېڭ، ياڭجۇ، جېنجياڭ، تەيجۇ، جاڭجياگاڭ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ جياڭسۇلۇق ساياھەتچىلەرگە ئىلىنىڭ سېھرىي كۈچى تونۇشتۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر