باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىگە ئىنكاس قايتۇردى

2018.05.03 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 2-ماي جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداش سەمىمىيىتى بىلەن كەلگەنلا بولسا، ئىككى تەرەپ ئىجابىي كېڭىشەلەيدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى، مالىيە مىنىستىرى منۇچىننىڭ ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 3-مايدىن 4-مايغىچە ئېلىمىزگە زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خېنىڭ ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى كېڭىشىشتىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە بۇ قېتىمقى كېڭىشىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولۇش-بولماسلىق توغرىسىدا خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىدۇق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى 1- ۋە 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغدىشى، شۈبھىسىزكى، جۇڭگو-ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا پايدىلىق.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد مىقدارى ۋە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئويلاشقاندا، بارلىق مەسىلىلەرنى بىر قېتىم كېڭىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىش تازا رېئال بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداش سەمىمىيىتى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مېڭىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش پوزىتسىيەسى بىلەن كەلگەنلا بولسا، ئىككى تەرەپ ئىجابىي كېڭىشەلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر