- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-پەسىللىك سانائەت پايدىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىدى
2018.05.03 13:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن %11.6 ئېشىپ، داۋاملىق ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىغان، پايدا قۇرۇلمىسى ئەلالىشىپ، كارخانا ئۈنۈمى سىجىل ياخشىلىنىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىگەن.
كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش ئىقتىدارى ئاشقان. 1-پەسىلدە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپىي كىرىمىنىڭ پايدا نىسبىتى %6.18 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 0.11 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى ئىچىدە، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %83.9 بولۇپ، 1-، 2-ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ كانچىلىق كەسپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %8.9 بولۇپ 1-، 2-ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن. ھېسابلىنىشىچە، 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، سانائەت ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلىرىنىڭ پايدىسى %10.7 ئېشىپ، بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان.
كارخانىلارنىڭ تەننەرخى ۋە پىشاڭ نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. 1-پەسىلدە، كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر 100 يۈەنلىك ئاساسىي تىجارەت كىرىمىنىڭ تەننەرخ خىراجىتى 92.61 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 0.13 يۈەن تۆۋەنلىگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر