باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسى ۋە كېنىيە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بىرلەشمىسىگە كىردى

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى دوستلار چەمبىرىكىدىكى دوستلار كۆپىيىپ 86گە يەتتى

2018.05.03 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 2-ماي بېيجىڭدا مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئىككى مۇددىئا ئەزانىڭ قوشۇلۇشىنى تەستىقلىغانلىقىنى، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ كۆپىيىپ 86گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىم رايون ئىچىدىكى ئەزالاردىن پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسى ۋە رايون سىرتىدىكى ئەزالاردىن كېنىيە ئۆز ئىچىگە ئېلىندى.

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى دانيېل ئالېكساندىر مۇنداق دېدى: «پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى ۋە كېنىيەنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىغا ئەزا بولغانلىقىنى قارشى ئالىمىز»، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىدا ئالتە چوڭ قىتئەدىكى 86 ئەزا بارلىقىدىن بىز ئىنتايىن خوشال بولدۇق، بۇ، يۇقىرى ئۆلچەم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە تەرتىپلىك كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي ۋەدە بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى مۇددىئا ئەزانىڭ قوشۇلۇشى تەستىقلانغاندىن كېيىن، يەنە دۆلەت ئىچىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈپ ھەم تۇنجى كاپىتالنى بانكىغا ئامانەتكە قويسا، ئاندىن رەسىمىي ئەزاغا ئايلىنىدىكەن. بۇ مۇددىئا ئەزالارنىڭ پېيى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى تېخى تەقسىم قىلمىغان ئالدىن قالدۇرۇلغان پاي ئىچىدىن ئېرىشىدىكەن.

  2016-يىلى 1-ئايدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇلغاندا 57 ئەزا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى كېلىشىمى ئىمزالاپ كىرگەندىن بۇيان، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 2017-يىلى 3-ئاي، 5-ئاي، 6-ئاي، 12-ئايدا 27 مۇددىئا ئەزانىڭ قوشۇلۇشىنى تەستىقلىدى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ئەزالارنىڭ داۋاملىق قوشۇلۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر