باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا 3 مىليون 300 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

2018.04.28 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ ئەيخۇڭ 27-ئاپرېل مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، باشلىنىشى ياخشى بولدى. شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ، 1-ئايدىن 3-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا 3 مىليون 300 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن تۆۋەنلىدى، 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.89 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 0.08 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن كىشىلەردىن 430 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقىدىن 20 مىڭ كىشى ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولدى.

  بازارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۆۋەنلىمىدى، ياسىمىچىلىقنىڭ ئادەم ئىشلىتىشى مۇقىم ئاشتى، ياسىمىچىلىقنىڭ ئېھتىياجى بۇلتۇرقىدىن %5.2 ئېشىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.7 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سىرتقا ئىشلەمچىلىككە بارىدىغانلار داۋاملىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر