باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىدە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى ئېچىلدى

2018.04.28 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان تىپىك دېلولارنى مەركەزلىك ئاشكارىلاش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋە دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە 27- چېسلا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى ئېچىلدى. بۇنىڭدا، تىپىك دېلولارنى قەرەلسىز ئېلان قىلىپ، بېسىمنى ھىس قىلدۇرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى. شۇ كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىدىن 24نى مەركەزلىك ئاشكارىلىدى. بۇ 24 تۈرلۈك دېلو ئىچىدە، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇنىڭدىن ئالتىسى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلىرى يەنە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى مەبلىغىنى قىسىپ قېلىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ساختىپەزلىك قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تەربىيەلەش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش، سۇچىلىقتىكى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئىشلىتىش، پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىش، دوست ۋە بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق مەسىلىەرگىمۇ چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر