باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەلگۈسى ئەۋلادلارغا پاكىز، گۈزەل چاڭجياڭنى قالدۇرايلى

2018.04.27 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيانىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق دەل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق دەل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق. ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋېلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش يېڭى دەۋرنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قايتا تەكىتلەپ، «تەڭ تۇتۇپ كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق» ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا توغرا ئىگىلەشكە تېگىشلىك «بەش مۇناسىۋەت» نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزنى ئىدىيەۋى كۆرسەتكۈچ ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. چاڭجياڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرىكى. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيە. 2016-يىلى 1-ئايدا، چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسى» نى بېسىپ تارقاتتۇق؛ چاڭجياڭنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، خىمىيە كارخانىلىرىنى رەتكە سېلىش، تۈزەش، قانۇنسىز پىرىستانلارنى تاقاش، قانۇنسىز شېغىل ئېلىشقا قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇردۇق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسكىن، ئەتراپلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى قوغدىدۇق. ئالاقىدار تارماقلار ۋە چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر «چاڭجياڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇش» نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، 10 مىڭ چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى «يېشىللىق»قا پۈركىنىپ، «يېشىل كارىدور» نىڭ گۈزەل مەنزىرىسى قايتا نامايان بولغۇسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر