باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى تەرغىب قىلغان، پەردازلىغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2018.04.26 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى 25-ئاپرېل ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىغا قاراپ چىقىشنى باشلىدى، بۇ قانۇن لايىھەسىدە، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قاتارلىق قىلمىشلارنى تەرغىب قىلىش، پەردازلاشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مەلۇم بولۇشىچە، بەزى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە جامائەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇچىسىغا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياپونىيەنىڭ ھەربىي فورمىلىرىنى كېيىپ سۈرەتكە تارتىپ ھەمدە تور ئارقىلىق تارقىتىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى تەرغىب قىلغان، پەردازلىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، مىللىي ھېسسىياتقا زىيانكەشلىك قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  بۇنىڭغا قارىتا، قانۇن لايىھەسىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلىدىغان نۇسخىسىدا، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە روھىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىىنى تەرغىب قىلغان، پەردازلىغان، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغان، ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزغان، ئامانلىق ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدىغانلىقى؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.

  لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلىدىغان نۇسخىسىدا يەنە: ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا، توردا ياكى رادىئو-تېلېۋىزىيە، كىنو، نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ھاقارەتلەش، تۆھمەت چاپلاش ياكى باشقا يوللار بىلەن قەھرىمانلار ۋە قۇربانلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، رەسىمى، نامى، شەرىپىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر