باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويى رايونلىرىدا كېچە–كۈندۈز راست ئوق مانېۋىرى ئېلىپ باردى

2018.04.20 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىللىق ئادەتتىكى پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويى رايونلىرىدا كېچە–كۈندۈز راست ئوق ئىشلىتىپ مانېۋىر ئۆتكۈزدى، كۆپ تىپلىق قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار زىچ ماسلىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ماس، ئومۇميۈزلۈك ھالدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمىنىڭ دېڭىزدا ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى دېڭىزدىكى راست ئوق مانېۋىرىدا، مۇھىم نۇقتا ھەقىقىي، تەس، چىڭ، ئەمەلىي دېگەن تەلەپنى تۇتقا قىلىپ، مۇھىت جەھەتتە كېچىدە، دېڭىزدا ۋە مۇرەككەپ ئېلېكتىر ماگنىتلىق مۇھىتىدا جەڭ قىلىشنى، ئۇرۇش تاكتىكىسى جەھەتتە ئىمكانقەدەر يىراقتىن ھۇجۇم قىلىش، ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، كۆپ خىل ئوق تۈرىدە ئۇدا ھۇجۇم قىلىشنى، ئۇسۇل جەھەتتە ئۆز ئالدىغا رازۋېدكا قىلىش، ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر بەلگىلەش، قىسىملارنىڭ ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر