باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ تىجارەت ئىجازەت شەرتى كېڭەيتىلدى

10 تۈرلۈك شەرت تۆت تۈرگە ئازايتىلدى

2018.04.19 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: 1- ئىيۇندىن باشلاپ، «پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئاۋىياتسىيە ئۇچارلىرىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك ئۇچۇش پائالىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسى (ۋاقىتلىق)» رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تىرانسپورت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ بياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەزكۇر «چارە» ئۇچقۇچىسىز ئاۋىياتسىيە ئۇچارلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلدى، ئۇچقۇچىسى بار ئايروپىلانلار ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئىلگىرىكى 10 تۈرلۈك شەرت ھازىر تۆت تۈرگە ئازايتىلدى.

  مەزكۇر «چارە»نىڭ تۈزۈلۈشى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ مەشغۇلات تۈردىكى ۋە تەربىيەلەش تۈردىكى تىجارەت سۈپىتىدە ئۇچۇش پائالىيىتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قارىتا ئېنىق بىر قائىدە بار بولدى. نۆۋەتتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشىشنىڭ تۆت تۈلۈك شەرتى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: يەنى، قانۇنىي ئىگىگە قويۇلىدىغان تەلەپ، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ، تەربىيەلەش ئىقتىدارىغا (تەربىيەلەش تۈرلىرىگە ماس كېلىدۇ) قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە يەر ئۈستىدىكى ئۈچىنچى كىشىگە سۇغۇرتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىجازەت شەرتى زور دەرىجىدە ئازايتىلغانلار بولۇپ قالماستىن، كارخانىلارنىڭ ئۆزىدە بار ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىگە بولغان تەلىپىمۇ ئەسلىدىكى ئىككى ئايروپىلاندىن بىر ئايروپىلانغا ئازايدى، ھەمدە 250 گىرامدىن تۆۋەن بولغان ئۇچقۇچىسىز ئاۋىياتسىيەنىڭ ئىجازىتى كەچۈرۈم قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر