باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، قول تۇتۇشۇپ كۆچەت تىكىش

2018.04.19 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىللە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، قول تۇتۇشۇپ كۆچەت تىكىش» تېمىسىدىكى كۆچەت تىكىش پائالىيىتى قانات يايدۇردى. شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن جەمئىي 150 نەپەردىن كۆپرەك كىشى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى سائەت 10دا، خۇەيرۇ رايونى شىنجۇاڭ كەنتى كۆچەت تىكىش بازىسىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۈرجەك بىلەن توپا تىندۇرۇپ كۆچەت تىكىۋاتقان ۋە ئۇ كۆچەتلەرنى سۇغۇرۇۋاتقان، ھەمدە ئۇ كۆچەتلەرنىڭ پۇختا يېتىلىشى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان، يەنى بىر چوڭقۇر مىللىي دوستلۇق يۈكلەنگەن كۆچەتلەرنى تىكىۋاتقان ھالدىكى بىر قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن نەق مەيدان كۆرۈنۈشى نامايان بولغان ئىدى. كۆپچىلىك 150 تۈپ كۆچەتنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن، شۇ ئورمانلىق ئالدىغا يىغىلدى. شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى خې يۇڭخۇي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى داۋ بو بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» نامىدىكى ئۇ ئورمانلىق ئۈچۈن يوپۇق ئاچتى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بىز بۇ قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە يەر قىزىپ كۆچەت تىكىپ ۋە ئۇ كۆچەتلەرنى سۇغۇرۇپ، مانا بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىمۋول قىلىنغان دەرەخلەرنى تىكتۇق. بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق تۈردە مۇشۇنداق قىزغىنلىققا تولغان ۋە ئاكتىپ كۈچ ئېلىپ كېلىدىغان پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قوشماقلىشىپ توققانلاشقان كادىرلار ۋە ئوقۇغۇچىلار توققۇز گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، كۆچەت رايونىنى بىرلىكتە كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىكى ئېسىل مەنزىرە نامايان قىلىنغان بىر تىياتىر قويغاندا، نەق مەيداندىكى ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى ۋە نەق مەيدان خۇشاللىققا تولغان كۈلكە-پاراڭلار سادالىرى بىلەن تولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر