باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئىقتىسادىدا ياخشى باشلىنىش بولدى

1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقىدىن %6.8 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 11 پەسىل %6.7 بىلەن %6.9 ئارىلىقىدا بولدى

2018.04.18 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 17-ئاپرېل سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى 1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 19 تىرىليون 878 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقىدىن %6.8 ئاشقان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 11 پەسىل %6.7 بىلەن %6.9 ئارىلىقىدا بولغان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شىڭ جىخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئىگىلىكىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلىنىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۈپەت، ئۈنۈم ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا ياخشى باشلىنىش بولدى.

  ھالقىلىق سۆز ـــ مۇقىم. بۇ يىل 1-پەسىلدە ئېلىمىز ئىقتىسادىدا مۇقىم ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسى كېڭىيىش، مال باھاسى مۇقىملىشىش، خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشتەك ياخشى يۈرۈشۈش ئەندىزىسى شەكىللەندى. بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان ئايلىق مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلارنىڭ ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5.0، %5.0، %5.1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2، 0.3 ۋە 1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، يىللىق كۆزلىمە نىشان %5.5تىن تۆۋەن بولغان. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ سەۋىيەسى %6.6، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ سەۋىيەسى %5.5، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق سەۋىيەسى %5.7 ئىكەن. دۇنيادىكى باشقا دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىق سەۋىيەسى ھەم دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن، ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر