باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ھەر يىلى يېڭىدىن بايقالغان راك كېسىلى بىمارلىرى 3 مىليون 500 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدۇ

2018.04.16 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە 24-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، «راكقا ئىلمىي قارشى تۇرۇپ، ھاياتنى سۆيۈش» باش تېما قىلىنغان. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خې جيې 15-ئاپرىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزدە ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كېسەل پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياشاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  دۆلەتلىك راك كېسىلى مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى يېڭىدىن مەلۇم بولغان راك كېسەللىرى 3 مىليون 500 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدىكەن، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى 2 مىليوندىن ئاشىدىكەن، ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى، ئاشقازان راكى قاتارلىقلار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راك كېسىلى ئىكەن. راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇش، كېسەللىك يۈكى ئېغىر بولۇش ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان زور جامائەت سەھىيە مەسىلىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ئومۇمىي جەھەتتىن راك كېسىلىنىڭ بەش يىل ياشاش نىسبىتى ئاران %30 ئەتراپىدا بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى چوڭ پەرق بار. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئۆسمە كېسەللىكى ئىلمى مۇتەخەسسىسى چېڭ شۇجۈننىڭ دېيىشىچە، بەزى ئاساسىي قاتلام رايونلاردا ئۆسمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش سەۋىيەسى چەكلىك بولۇپ، بىمارلارغا دىياگنوز قويۇلغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلگە كېلىپ قالغان بولىدىكەن. قېرىلىشىشنىڭ تېزلىشىشى، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ كۆپىيىشى، يۇقىرى ياغلىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلارمۇ ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلگەن.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئۆسمە ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى مۇتەخەسسىسى سۈن يەن ئاممىنى ئەسكەرتىدۇكى، راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللاردىن ئىمكان قەدەر يىراق تۇرۇش، راكنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىكلەر ۋە راك ئالدىدىكى كېسەل ئۆزگىرىشىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تاماكا تاشلاپ، ھاراقنى چەكلەش، تەڭپۇڭ غىزالىنىش، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش راكنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر