باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە قارىتا تۇنجى ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى ئۆلچىمى بولغان جۇڭگو ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە مىقدار جەدىۋىلى ئېلان قىلىندى

2018.04.13 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، «جۇڭگو ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە مىقدار جەدىۋىلى» مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمەت كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ، دۆلىتىمىزدىكى ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە قارىتا تۇنجى ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ئۆلچىمى ھېسابلىنىدىكەن.

  «جۇڭگو ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە مىقدار جەدىۋىلى» تىل ئىشلىتىشنى كۆرسەتكۈچ قىلىپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى بويىچە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتا «ئاساس سېلىش، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش»تىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، توققۇز دەرىجە تەسىس قىلىنغان، ھەر قايسى دەرىجىدىكى ئىقتىدار ئالاھىدىلىكلىرىگە قارىتا مۇكەممەل، ئېنىق، تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دەرىجە مىقدار جەدىۋىلى ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ئەمەس، ئىمتىھان پىروگراممىسىمۇ ئەمەس، دەرىجە مىقدار جەدىۋىلىنىڭ توققۇز دەرىجىسى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى تەلەپمۇ ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرىجە مىقدار جەدىۋىلىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە ئىمتىھانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، تەكرار ئىمتىھان بېرىشنى ئازايتىپ، ئىمتىھاننىڭ سىستېمىلىق بولۇش ئاساسىنى پۇختىلايدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ، نۆۋەتتە كونكرېت تەدبىرلەر تەتقىق قىلىنماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر