باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى سۈن جېڭسەينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى

2018.04.13 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاپرىل، تيەنجىن شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1- سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى سۈن جېڭسەينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى.

  تيەنجىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1-شۆبىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2002-يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، جاۋابكار سۈن جېڭسەي بېيجىڭ شەھىرى شۇنيى رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، كارخانا تىجارىتى، ۋەزىپە تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن، يالغۇز ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر بىلەن شېرىكلىشىپ، باشقىلار بەرگەن پۇل- مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 170 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى چىقىرىپ، جاۋابكار سۈن جېڭسەي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ئېلىپ باردى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئىككى گۇۋاھچىغا گىرەلەشمە سوراق ئېلىپ بېرىپ، سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى. سۈن جېڭسەي ئەڭ ئاخىرىدا سۆز بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇننىڭ تەنتەنىلىك سوتلىشىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە ئۆزى قىلغانلىقىنى، جىنايىتىگە چۇشلۇق جازالىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ قايىل بولۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە چىن كۆڭلىدىن بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما بولۇپ 130دىن ئارتۇق كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلۇپ، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر