باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بەش يىلدىن بۇيان قىلغان مال-ئەشيالار تىجارەت سوممىسى بەش تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى

2018.04.13 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12- چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى سودىغا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2013- يىلدىن 2017- يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قىلغان مال-ئەشيالار تىجارىتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بەش تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، چەتئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش سوممىسى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. جۇڭگو كارخانىلىرى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە 75 ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ساھىبخان دۆلەتلەرگە تاپشۇرغان بېجى ئىككى مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، 210 مىڭ كىشىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

  جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ زېڭۋېي مۇنداق دېدى: ئەگەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى بىر چوڭ كېمە دېسەك، ئۇنداقتا، كارخانىچىلارنى ماتروسلار ھېسابلاشقا بولىدۇ. بۇ چوڭ كېمىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىيەلىشىدىكى سەۋەب ھەر قايسى ئەل كارخانىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرالىغانلىقىدىندۇر.

  يىپەك يولى سودا كېڭىشى جۇڭگو كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو داتاڭ گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىنشىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يىپەك يولى سودا كېڭىشىدىكى كارخانا ئەزالىرى 500گە يېقىنلاشتى، بۇلار ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، بىناكارلىق، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، پۇل مۇئامىلە ۋە ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ھازىر تەدرىجىي ھالدا ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا قاتنىشىش، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تاشقى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى سودىغا مەبلەغ سېلىش جەھەتتە يەنە قانداق ئارزۇ-ئۈمىتلەرنىڭ بارلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، دۇنيا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پېتىر مۇنداق دېدى: بىز بۇ جەھەتتىكى مەبلەغ سېلىشلارنىڭ بىزدەك سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنى بىرلەشتۈرۈشىنى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر