باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىقىلىپ چۈشۈش ياشانغانلارنىڭ يارىلىنىشىدىكى بىرىنچى سەۋەب بولۇپ قالدى

2018.04.13 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى كەسىپلەر مۇھاكىمە يىغىنى» يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا، ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۆپ خىل پەنلىك بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر ئامبۇلاتورىيەسى سىستېمىسىنى يولغا قويۇش ئىشى جاكارلاندى.

  نوپۇس ئەھلىنىڭ قېرىلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىش ھازىر دۆلىتىمىزدە 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ يارىلىنىشى ۋە قازا قىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇپ قالدى. ياشانغانلاردىكى يىقىلىپ چۈشىدىغانلارنىڭ %12-%42ىدە يىقىلىپ چۈشۈش بىلەن زەخىملىنىش ھەمىشە تەڭلا يۈز بېرىدۇ. يىقىلىپ چۈشۈشكەنلىكتىن زەخىملىنىش دېگەندە، ئاساسلىقى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشى، بوغۇملارنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىشى، سۆڭەكنىڭ سۇنۇشى ۋە مېڭە زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئىلگىرى يىقىلىپ چۈشۈش ھادىسىگە يولۇققان ياشانغانلارنىڭ ئىچىدىكى %50ى ئەگەر قايتا يىقىلىپ چۈشسە، ئۇنداقلارنىڭ زەخىملىنىشى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئىشقا ئەستايىدىل بولۇپ، يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشىقلىرى، مۇداپىئە كۆرۈش ۋە بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قول سېلىپ ئىشلەش، يىقىلىپ چۈشۈشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، يىراقتىن كۆزىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى مۇزاكىرە نۇقتىلىرى قىلىپ تۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە دۆلىتىمىزدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ۋەكىللەر ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۆپ خىل پەنلىك مۇتەخەسسىسلەر ئامبۇلاتورىيەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى سىناپ باھالاپ چىقتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ ھېس قىلىپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر