باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قانۇنسىز يۆتكەشنى چەكلەش كېرەك، دېدى

2018.04.11 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا دائىمىي يىغىن ئېچىپ، «دىققەتنى چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قانۇنسىز يۆتكەش ۋە تۆكۈشنى قەتئىي چەكلەش توغرىسىدىكى مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى» ۋە «2018- 2020- يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى لايىھەسى»دىن ئىبارەت ئىككى لايىھەگە قاراپ چىقتى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىققەتنى چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قانۇنسىز يۆتكەش ۋە تۆكۈش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ھەرىكەت پىلانى» بويىچە مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى 11 ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نى نۇقتىلىق رايون قىلىپ، دەريا بويىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، قاتتىق تاشلاندۇقنى پەيدا قىلغان كارخانا ۋە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى پەيدا قىلغان جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تېزدىن قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يوشۇرۇن مۇھىت خەۋپىنى ھەقىقىي تۈگىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر