باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو چامباشچىلىقى ئەركىن ئۇرۇشۇش كۇلۇبى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2018.04.11 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق جۇڭگو چامباشچىلىقى ئەركىن ئۇرۇشۇش كۇلۇبى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى 10- ئاپرېل خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى چامباشچىلىق ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ۋە جۇڭگو چامباشچىلىق جەمئىيىتى ھوقۇق بېرىلىپ ئۇيۇشتۇرغان، «كۇلۇب» شەكلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان كوللېكتىپ ئەركىن ئۇرۇشۇش مۇسابىقىسى - جۇڭگو چامباشچىلىق ئەركىن ئۇرۇشۇش كۇلۇبى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى 2017- يىلى 11- ئايدا باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مانا ئەمدى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان 2018- يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ، خېنەن ۋە شەندۇڭدىن ئىبارەت بەش جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك كۇلۇب كوماندىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى كوماندا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى ئەترىتىنىڭ قاتنىشىشى بولسا، تۇنجى قېتىم كۇلۇب بويىچە مەملىكەتلىك چامباشچىلىق ئەركىن ئۇرۇشۇش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چەك تارتىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايلانما مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك قارىمۇقارشى سەپ بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى تۆۋەندىكىدەك: خېنەن كوماندىسى بىلەن شاڭخەي كوماندىسى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن شەندۇڭ كوماندىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسى .

  بىرلەشمە مۇسابىقە 5- ئاينىڭ 12- كۈنى شاڭخەي باۋشەن تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر