باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

2018.04.10 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىز قىلىۋاتقان ئىشلار خەلققە بەخت يارىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيادا ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ».

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى كىشىلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ھەمتۈرتكىسى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 11-ئايدا ئىنسانىيەت ئىستىقبالىنىڭ تەقدىرى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدىكى يۈزلىنىشنى توغرا ئىگىلىگەن ئاساستا، جۇڭگو دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ روشەن جۇڭگوچە خاسلىققا، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. «جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك»، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشنى كۆزنەك بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ 10-ئاپرېل بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە مۇھىم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ. بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا 3-قېتىم قاتنىشىشى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدەك مۇھىم تارىخىي پەيتتىكى جۇڭگونىڭ تۇنجى زور ساھىبخان دىپلوماتىيە پائالىيىتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ سەپىرى، بۇ يىللىق تۆت چوڭ ساھىبخان دىپلوماتىيەسىنىڭ يارقىن مۇقەددىمىسىنى باشلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭراتقۇسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر