خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئالتە نەپەر چەتئەللىك ئىختىساس ئىگىسى مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كىملىكى ئېلىشنى كۈتمەكتە. شۇ كۈنى، ئالتە نەپەر چەتئەللىك زات چەتئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كىملىكىگە ئېرىشتى. بۇ ئۇلارنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشى، جۇڭگودا تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ كۈنى مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كىملىكىگە ئېرىشكەن چەتئەللىك زاتلارنىڭ ئىچىدە، ھەم ئاساسىي تەتقىقات ساھەسىدە ئىشلەيدىغان ئالىملارمۇ بار، ھەم ئەمەلىي تەتقىقات ساھەسىدە ئىشلەيدىغان باشلامچى ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ بار، يەنە تېخى نۇقتىلىق كەسىپ ساھەسىدە ئىشلەيدىغان كارخانىچىلارمۇ بار. ئۇلار جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كىملىكىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى، ھەمدە بۇ كىملىكنىڭ ئۇلارغا نۇرغۇن جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فەن جۈن فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى