باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش بېجىنىڭ تۇنجى تالونى كېسىلدى

2018.04.02 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، 2018-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنغان. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «باسىف» يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە خادىمى شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ خادىمى قولىدىن شاڭخەي شەھىرى ئاچقان تۇنجى مۇھىت ئاسراش بېجى تالونىنى ئالدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىش مەزگىلىدە ئاچقان تۇنجى باج تالونى.

  «باسىف» يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە خادىمى مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئاساسلىقى ئاپتوموبىل، قۇرۇلۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ، مۇھىت ئاسراش ھەققى باجغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، كارخانىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى دۆلەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغاچقا، باجدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولدى. ئەسلى 9400 يۈەن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجدىن 600 يۈەنگە يېقىن كېمەيتىلىپ، ئەمەلىي 8800 يۈەندىن ئارتۇق مۇھىت ئاسراش بېجى پۇلى تاپشۇردۇق. باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىمىزنى ئەلالاشتۇرۇشىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، مۇھىت ئاسراش بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىمىزگە تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر