باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1300 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىدايدۇ

ئېلىمىز يېڭى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان كۆيمەس ماتېرىيال تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى

2018.04.02 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېتون قۇرۇلما 350 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا چىدامچانلىقى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈ شۇخۇڭ پىروفېسسور تېما گۇرۇپپىسى يېقىندا بىر خىل قوش تور قۇرۇلمىلىق فېنول فورمالدېھىد سىمولىسى/سىلىتسىي (Ⅳ) ئوكسىد قېتىشما ئائېروگېل ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئۇ 1300 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەي 300 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلىنىدىكەن، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش جەھەتلەردە ئەمەلىي قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگىكەن.

  بۇ خىل قوش تور قۇرۇلمىلىق قېتىشما ئائېروگېل شاخسىمان ھالەتلىك مىكرو كۆپ تۆشۈكلۈك قۇرۇلما بولۇپ، تالا ئۇزۇنلۇقى 20 نانومېتىرنىڭ ئىچىدىكەن. بۇ خىل ئائېروگېل %60 بېسىمدا يېرىلمايدىكەن، مېخانىكىلىق كۈچىنىشى ۋە پىششىقلاپ ئىشلىنىشچانلىقى ئىنتايىن ياخشىكەن؛ ئىككى تەركىب بىر-بىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپ تۆشۈك ھاسىل قىلىپ، ئىنتايىن ياخشى ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە ئۆتكۈزمەسلىك ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ خىل يېڭى ماتېرىيالنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش يېنىشتىن توسۇش ۋە ئوت، چىرىشقا چىداملىق خۇسۇسىيىتى بىلەن ئوت كەتكەندە ئىمارەتلەرنىڭ كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسىنىڭ كۈچىنى يوقىتىشىدىن ساقلىنىپ، كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرىپ بېرىدىكەن. ئىسسىقلىق توسقۇچى ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىمارەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر