باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پايتەختتىكى مىليونلىغان شەھەر ئاھالىسى كۆچەت تىكتى

بۇ يىل يېڭىدىن 230 مىڭ مو يەرنى ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش مۆلچەرلەندى

2018.04.02 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 1-ئاپرېل 34-قېتىملىق پايتەخت ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش كۈنىنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەر قايسى رايونلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مىليون مو ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىل بېيجىڭدا يېڭىدىن 230 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش، يېڭىدىن 600 گېكتار يەرنى يېشىللاشتۇرۇش مۆلچەرلەندى. پۈتۈن شەھەرنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43.5 كە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېشىللىق ئۆلچىمى 16 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئەتىيازدا بېيجىڭدا 1 مىليون 280 مىڭ ئادەم/قېتىم ھەر خىل شەكىدىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 610 مىڭدىن ئارتۇق ھەر خىل كۆچەت تىككەن، 600 مىڭ ئورەك كولىغان، 6 مىليون 20 مىڭ تۈپتىن كۆپرەك دەرەخنى پەرۋىش قىلغان، 909 مىڭ پارچە تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغ-ئورمان كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن، بېيجىڭ بۇ يىللىق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشتە ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا، ئۆمرى ئۇزۇن، چىداملىق، مەنزىرە ئۈنۈمى ياخشى يەرلىك دەرەخلەرنى تاللىغان ۋە ئەي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دەل-دەرەخلەرنى ئاسراش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن. پايتەخت كۆكەرتىش كومىتېتى ئىشخانىسى پۈتۈن شەھەردىكى نۇقتىلىق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش تۈرلىرىنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى، تېرىش مىقدارى، ئەي بولۇش نىسبىتى، مەنزىرە ئۈنۈمى ۋە دەل-دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان.

  ئىگىلىنىشچە، بېيجىڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1985-يىلى 18-مارت بېيجىڭ شەھەرلىك 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 ـ يىغىنىدا بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق «مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش كۈنى»نى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپى ماقۇللىنىپ، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ تۇنجى دەل ئېلىش كۈنىنى پايتەختنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر