- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى: 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قىسمەن ئوق پويىزلارنىڭ بىلەت باھاسى ئەڭ كۆپ بولغاندا %20 چۈشۈرۈلىدۇ
2018.03.30 15:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈندىدارى «جۇڭگو تۆمۈر يول»نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 28-ئاپرېلدىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە، تۆمۈر يول تارماقلىرى تۆمۈر يول ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن ئوق پويىزلارنىڭ بېلەت باھاسىنى چۈشۈرىدىكەن، 27-مايدىن باشلاپ، تۆمۈر يول تىرانسپورت كارخانىلىرى يەنە باھا قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، ساياھەت ئازادىلىكى ۋە تىجارەت تەننەرخى پەرقىنى تولۇق ئويلىشىش ئاساسىدا، تېز سۈرئەتلىك ئوق پويىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورنى بىلەن 2-دەرىجىلىك ئورنىنىڭ سېلىشتۇرما باھا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىسمەن لىنىيەلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن بېلەت باھاسىنى تەڭشەيدىكەن.
ئۇقۇشۇمچە، تۆمۈر يول تارماقلىرى گۇاڭجۇ- جۇخەي، خەينەن ئارال ئايلانما لىنىيەسى، نەنجىڭ- ئەنچىڭ، دەندۇڭ- داليەن، چىڭداۋ- رۇڭچېڭ، جېڭجۇ- كەيفېڭ، ۋۇخەن-شىياۋخەن قاتارلىق 28 شەھەرلەر ئارا لىنىيەدە قاتنايدىغان ئوق پويىزلارنىڭ بېلەت باھاسىدا ئوخشىمىغان ئۇسۇل، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېتىبار بېرىپ، ئەڭ چوڭ ئېتىبار نىسبىتى ئالدىنقى باسقۇچتا نۇقتىدا سىناق قىلىنغان %10تىن %20 كە ئۆستۈرۈلىدىكەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر