باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدامچىلىققا چېتىشلىق ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

2018.03.30 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك - دورا باشقۇرۇش تارماقلىرى يېقىندا 10 قېتىملىق يېمەكلىك، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئالدامچىلىقى ۋە يالغان تەشۋىقاتتىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەسىلىلەر ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ يېمەكلىك، ساغلاملىق يېمەكلىكى سېتىش، دورىلارغا قانۇنسىز خۇرۇچ قوشۇلغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش، ساختا ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى چاپلاش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  ئون تىپىك دېلو مىسالى ئىچىدە تۆتىسى يېمەكلىككە دورىنى قانۇنسىز قوشۇش دېلوسى. بۇنىڭ ئىچىدە خۇنەن خېڭياڭدىكى جوۋ xx قاتارلىقلار سىبۇترامىن، فېنولفتالىن قاتارلىق دۆلەت قوشۇشنى چەكلىگەن دورىلار قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان ھەمدە ئېنتېرنت تورىدىن پايدىلىنىپ ساتقان، دېلوغا چېتىشلىق مال قىممىتى 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن. جېجياڭ خۇجۇدىكى خۇ x قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان «يۈز مىليون ياخشى ھارىقى» تەركىبىدە دېكسامېتازون، ئىندومېتاتسىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان، «يىساۋكاڭ» تەركىبىدىن ئىككى خىلورلۇق ناترىي سىترات كىسلاتاسى تەكشۈرۈپ چىقىلغان، دېلوغا چېتىشلىق مال قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان. نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  بۇلتۇر 7-ئايدا، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى، يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق توققۇز تارماق مەملىكەت بويىچە بىر يىللىق يېمەكلىك، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئالدامچىلىقى ۋە ساختا تەشۋىقاتلارنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك- دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت ئورۇنلىرىدىن 870 مىڭ ئورۇننى تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 12 مىڭدىن ئارتۇقنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كەينى- كەينىدىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى ياكى ئېلان قىلماقچى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر