باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 16-نۆۋەتلىك 8-قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ دۇڭمىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلاندى

2018.03.23 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 16-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دۇڭمىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلاندى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يولداش لى جيەنگونىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىمەيدىغانلىقىنى قارار قىلغان ئىدى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 16-نۆۋەتلىك كومىتېتى 16-قېتىملىق ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ، يولداش لى جيەنگونىڭ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن بۇيانقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر