باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا جى جيافۇ: ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تازىلاپ، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىش كېرەك

2018.03.20 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جى جيافۇ شىنخۇا تورىنىڭ « 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئالاھىدە سۆھبەت» پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تىلغا ئېلىنغاندا، جى جيافۇ مۇنداق دېدى: تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاشقازان چىقىش ئېغىزىدىكى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ ئىكەن، شۇڭا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تۈپ يىلتىزىدىن تازىلاش ئارقىلىق، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا ئاشقازان راكىنى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش جەھەتتە قانداق يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى؟

  جى جيافۇ مۇنداق دېدى: 30 نەچچە يىلدىن بۇرۇنلا، دۆلىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى باشلانغان، بىز ئىلگىرى ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان رايونلارغا بېرىپ، ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. بىز، مۇھىت ئامىلىنىڭ ئاشقازان راكى بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلاندۇق. ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىز، ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولسا، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشكەن، دەپ قارىدۇق، ھەمدە باشقا ئامىل بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش بىلەن ئاشقازان راكى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. دېمەك، بەدىنىدىكى ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان باكتېرىيەسى تېخى تازىلانمىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان باكتېرىيەسى تۈپ يىلتىزىدىن تازىلانغان كىشىنىڭ ئاشقازىنىدا راكتىن بۇرۇنقى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە ئاشقازان راكى پەيدا بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

  بۇ بىر يۈرۈش ئالدىن كۆرەرلىك ۋە ئىختىيارىي تۈردىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتلار، ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تۈپ يىلتىزىدىن تازىلاش ئارقىلىق ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇنىڭغا چېتىشلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %39 ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ھەم ئۇنىڭ راكتىن ئاۋۋالقى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئېغىر بولغان كىشىلەر توپى ۋە ياشانغانلار توپىغىمۇ ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەر توپىدىن كەڭ كۆلەملىك دەرىجىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىمىز ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تۈپ يىلتىزىدىن تازىلاپ ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىگە قارىتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تاكتىكا تۈزۈشى ۋە ئېلان قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر