باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

2018.03.19 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆي سېلىۋالغان كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىگەندە، شياڭگاڭ جۇڭخۇا كىرىش-چىقىش ئېغىزى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شۆشيۇ ئەزا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆي سېتىۋېلىشقا پۇل تاپشۇرساقمۇ، تەرەققىيات سودىگىرى قولىمىزغا تالون بەرمىگەن ئىدى، ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىمۇ بىجىرگىلى بولمىغان ئىدى، دەۋالىشىشقىمۇ يەنە بىرمۇنچە ۋاقتىمىز كەتكەن ئىدى، پۇل خەجلەپمۇ يەنە ئاۋارە بولغان ئىدۇق، يەنە تېخى كۆڭلىمىزمۇ يېرىم بولغان ئىدى. جاڭ شۆشيۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئوخشىمايدۇ. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ قانۇن بويىچ ئىدارە قىلىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەم ئۇ تېز ئۈنۈم بەردى.

  ئىچكىرىدىكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تەرەققىياتىنى شياڭگاڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى كۆرۈپ تۇرماقتا. شۇڭا، شياڭگاڭ لىۋېن قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى لى ۋېنجۈن ئەزا يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، "مۇھىت باھالاش تەرتىپىگە ئوخشاش، بۇرۇن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن تولۇقلاشقا بولاتتى، ھازىر بىر پارچە قەغەز كەم بولسىمۇ قۇرۇلۇشنى باشلىغىلى بولمايدۇ." دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشى ۋە سودىيەنىڭمۇ ئادىل ھۆكۈم قىلىشى، لى ۋېنجۈننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تولۇقلىماقتا.

  يۈجۇ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋەكىل لىن لۇڭئەن مۇنداق دېدى: "تەرەققىيات دېسەكمۇ، گەپ تېخى دەل جايىغا چۈشمەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىدى، دېيىش كېرەك." دېمەك، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قانۇن مۇلازىمەت ئېڭى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. لىن لۇڭئەن يەنە مۇنداق دېدى: "ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، ھۆكۈمەت پائالىيىتىنى قانۇنچىلىق يولىغا ئومۇميۈزلۈك سېلىشتا، ھۆكۈمەت ۋەدىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ 'يېڭى باشلىق كونا ھېسابقا پەرۋاسىز بولۇش'قا بولمايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. چۈنكى، مۇشۇنداق قىلغاندا، ئاندىن بىزگە ئوخشاش كارخانىچىلار تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ."

  شياڭگاڭ ۋەنشۈنچاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياۋ زۇخۇي ۋەكىل 1992- يىلىلا سودىسىنى ئىچكىرىدە باشلىغان، شۇڭا، ئىچكىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ مۇنداق دېدى: "ھېچقانداق سودا تالاش-تارتىش ۋە جېدەل-ماجىرادىن خالىي بولالمايدۇ، ئەمما ئىچكىرىدە بۇ خىل دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ سوت سىرتىدا كېلىشىشىگە ئىلھام بېرىش ئۇسۇلى ناھايىتى ياخشى. سوت مەھكىمىلىرى توردا "قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈش" تەدبىرىنى يولغا قويۇپتۇ. ئۇنىڭدىكى "قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاشكارا بولۇش ۋە ئېنىق بولۇش" دەرىجىسىگە كەلسەك، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ جەھەتتە دۆلىتىمز دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر