باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ياسىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن يۈك توشۇش تۆمۈريولى بولغان مېڭخۇا تۆمۈريولىغا رېلىس ياتقۇزۇش باشلاندى

2018.03.18 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈريول پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ياسىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن يۈك توشۇش تۆمۈر يولى بولغان مېڭخۇا تۆمۈريولىغا 17-مارت رېلىس ياتقۇزۇش باشلاغان بولۇپ، بۇ، مەزكۇر تۈرنىڭ ۋوگزال قۇرۇلۇشى ئالدىدىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  مېڭخۇا تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ «ئوتتۇرا، ئۇزۇن مۇددەتلىك تۆمۈريول تورى پىلانى»نىڭ مۇھىم تۈرى بولۇپ، شىمالدا ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوستىن باشلىنىپ، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك تۆمۈر يول قىلىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، پىلاندىكى يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 200 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.

  رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئىدارىسى يېڭى تىرانسىپورت شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېڭخۇا تۆمۈر يولى ياتقۇزۇلغان رايونلارنىڭ ئارىلىقى كەڭ، ئىككى قېتىم چاڭجياڭ دەرياسىدىن، بىر قېتىم خۇاڭخې دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان، چىنلىڭ چوققىسى، جۇڭتياۋشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ. جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئىدارىسى يېڭى تىرانسىپورت شىركىتىنىڭ مېڭخۇا تۆمۈريول غول لىنىيەسىنى ياتقۇزۇش تۈر بۆلۈمى 735 كىلومېتىرلىق رەسمىي لىنىيەگە رېلىس ياتقۇزۇش، 102 كىلومېتىرلىق بېكەت لىنىيەسىگە رېلىس ياتقۇزۇش، 1475 كۆۋرۈك سۈڭگۈچىنى قۇراشتۇرۇش، 246 گۇرۇپپا ئاچال قۇراشتۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى تاماملايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر