- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن بىلەن ئالاقە قىلىش قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا ئامېرىكىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى
2018.03.18 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 17-مارت مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ «تەيۋەن بىلەن ئالاقە قىلىش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ئامېرىكىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدۇ، دېدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ «تەيۋەن بىلەن ئالاقە قىلىش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: خۇددى جۇڭگونىڭ كۆپ قېتىم كۆرسەتكىنىدەك، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىنىڭ گەرچە قانۇن جەھەتتە چەكلەش كۈچى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئېغىر خاتا سېگنال بەرگەنلىك. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئامېرىكا-تەيۋەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسى ۋە ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىنى توختىتىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر