باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى يىغىنىنىڭ 2–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3–يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.03.15 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك -نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى يىغىنىنىڭ 2-يىغىنى 14-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەننىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي ئەزالىرى نامزاتى ئىسىملىكى(لايىھە)نى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جىيۇڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە) قاراپ چىقىلدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەن لىگاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3-يىغىنى 14-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىندا بارلىق ئەزالار غۇلغۇلا قىلىپ مۇزاكىرە قىلغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتى ئىسىملىكى ماقۇللىنىپ، بۇ نامزات ئىسىملىكىنى 14-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي يىغىندا بېلەت تاشلاپ سايلاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن نامزات ئىسىملىكى(لايىھە)نى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى.

  يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە) ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) ماقۇللىنىپ، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى يېپىلىش مۇراسىمىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر