باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەيلى

___ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا (3)

2018.03.15 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسىي قانۇننىڭ جېنى ۋە نوپۇزى ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىشى ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ يەنە بىر قېتىم زور مۇكەممەللىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەپ، ئاساسىي قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىقتۇر» دەپ تەكىتلىگەن. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ئەمەلىيىتى ئىپادىلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان ئۇلۇغ نەتىجە ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەپ، پارتىيە خەلق ئورتاق ئىرادىسىنىڭ نوپۇزى، ئابرۇيىنى قوغدىغاندىلا، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ گەۋدىلىك ئورنىغا قويۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

  قانۇن چىقىرىش تەس ئەمەس، ئۇنى ئىجرا قىلىش تەس. ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەشتە ئالدى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتىيەمىز ئالدى بىلەن ياخشى باشلامچىلىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ تۈزۈش ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى يولغا قويۇشنى پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ھەقىقىي ئورۇندىشى كېرەك. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق قىلىپ ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى ئىشلىتىپ، قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھۆرمەتلەشكە يېتەكلەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىش ۋە مەسىلىنى قانۇنچىللىق ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر